قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروۋ ت ر ت نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ دۇنيا تېلېۋىزىيەلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1635187
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروۋ ت ر ت نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاپپاروۋ، «‹TRT Avaz› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ «ياۋروئاسىيا مەخسۇس پىروگراممىسى» دا، جوشقۇن ئۆزەننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئورتاق تارىخىمىز بار، شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قېرىنداشلارچە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

تۈرك دۇنياسىدا تېخىمۇ ئاكتىپ بىر قىرغىزىستان بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان جاپپاروۋ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ۋە خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) نىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جاپپاروۋ، قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (KTRK) نىڭ ت ر ت بىلەن ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئىككى  تېلېۋىزىيە قانىلى ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان تەقدىردە، ھەر جەھەتتىن تېگىشلىك ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر