پىرېزىدېنت جاپاروۋ توقۇنۇش رايونىدىن ئايرىلغان خەلقنى يۇرت - ماكانلىرىغا قايتىشقا چاقىردى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان 27 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى «يۇرتىغا قايتىشقا» چاقىردى.

1632706
پىرېزىدېنت جاپاروۋ توقۇنۇش رايونىدىن ئايرىلغان خەلقنى يۇرت - ماكانلىرىغا قايتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، 1- ماي ھاسىل قىلىنغان قىرغىزىستان - تاجىكىستان «ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمىدىن كېيىن ئاممىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ، قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن 27 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «مەن ھەر بىر ئائىلىنى قۇتراتقۇلۇقلارغا قۇلاق سالماي، تۇرالغۇلىرىغا قايتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت جاپاروۋ، ۋەقەلەر جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئوت قويۇۋېتىلگەن ئۆيلەرنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، رايون ۋەزىيىتىنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

4- ئاينىڭ 28- كۈنى گولوۋنوي دەپ ئاتىلىدىغان سۇ تەقسىملەش تورىنى كونترول قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئىككى تەرەپتىن 49 ئادەم قازا قىلغان، 260 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

رايوندا ياشايدىغان 27 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستان پۇقراسى يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ بىخەتەر جايلارغا كەتكەنىدى.

ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 1 – مايدا «ئۇرۇش توختىتىش» ۋە ئەسكەرلەرنى گازارمىلىرىغا چېكىندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر