قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدىكى سۇ تارقىتىش ئامبىرىنى كونترول قىلىش سەۋەبىدىن چىققان قوراللىق توقۇنۇشتا، ھەر ئىككى تەرەپتىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى، ئەڭ ئاز دېگەندە 31گە چىقتى.

1631514
قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش، چارشەنبە (2021-يىلى 28-ئاپرېل) كۈنى بىر سۇ مەنبەسىگە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلىشى بىلەن باشلىغان ئىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشكەندىن كېيىن، 29-ئاپرېل شۇ يەر ۋاقتى 20:00 دىن باشلاپ رايوندا پۈتۈنلەي توقۇنۇشنى توختىتىش ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ بۇرۇنقى جايلىرىغا چېكىنىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما توقۇنۇشلار داۋام قىلدى.

قىرغىزىستان توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى ئېلان قىلدى. قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى قوراللىق توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغان قىرغىزلار سانىنىڭ 31 گە چىققانلىقىنى، يارىلانغان 134 كىشىدىن 49 ىنىڭ بىشكەكتىكى دوختۇرخانىلاردا ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاجىكستان تەرەپنىڭ قوراللىق توقۇنۇشتا جېندىن ئايرىلغانلار ھەققىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما، تاراتقۇلاردا سەككىز تاجىكنىڭ جېندىن ئايرىلغانلىقى، 90 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

تاجىكستان خەۋەرلىرىدە، ۋەقە يۈز بەرگەن چوركۇھ يېزىسىدا ياشايدىغان 100 گە يېقىن ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئىسفارا شەھىرىگە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تۋىتېتردا بايانات ئېلان قىلىپ: «قىرغىزىستان خەلقىنى، ھەممىدىن ئاۋال سىياسىي كۈچلەر ۋە تاراتقۇلارنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا، ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە بويۇن ئەگمەسلىككە، دۈشمەنلىك ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلماسلىققا چاقىرىمەن» دېدى.

رايوندىكى 800 گە يېقىن قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ بىخەتەر رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تاجىكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمانوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ،  ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تاجىكستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۇچرىشىش توغرىسىدا كېلىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەتلەر ئارا چېگرا بەلگىلەش ھەيئەتلىرىنىڭ 1-مايدا قىرغىزىستاننىڭ باتكەن رايونىدا ئۇچرىشىشى توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر