دۇنيا تۈركمەنلەر بىرلىكى رەئىسى جو بايدىننى ئەيىبلىدى

دۇنيا تۈركمەنلەر بىرلىكى رەئىسى ئىسمائىل دەمىردۇزەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تەبىرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

1630911
دۇنيا تۈركمەنلەر بىرلىكى رەئىسى جو بايدىننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا تۈركمەنلەر بىرلىكى رەئىسى ئىسمائىل دەمىردۇزەن يازما باياناتىدا بايدىننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە لەنەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل دەمىردۇزەن تۈركلەرنىڭ كۈلتۈرلىرىدە ئىرقچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە چەتكە قېقىشنىڭ يوقلىقىنى، بارلىق پۇقرالارنىڭ تېگى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، باراۋەر ۋە ئادىل بىر باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاستىدا پۈتۈن ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۈپ ئەركىن ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسمائىل دەمىردۇزەن بايدېننىڭ بۇ باياناتى بىلەن ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2015 – يىلىدىكى قارارىنى ۋە 1948-يىلدىكى ب د ت ئەھدىنامىسىنى كۆرمەسكە سېلىپ،  قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھەرقانداق بىر سىياسەتچىنىڭ ئېيتقان سۆزىنىڭ قانۇندا ئىسپات ۋاستىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر