نەزەربايېۋ قازاقىستان خەلق مەجلىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قازاقىستان خەلق مەجلىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1630266
نەزەربايېۋ قازاقىستان خەلق مەجلىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ پايتەخت نۇرسۇلتاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سىنلىق ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك قازاقىستان خەلق مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 2019-يىلى 19-مارت پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، بۈگۈن (2021-يىلى ئاپرېل) دىن باشلاپ دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قازاقىستان خەلق مەجلىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر قولدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلق مەجلىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى پىرېزىدېنت جۆمەرت توقايېۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر