ئەزەربەيجانلىق 12 غازى تۈركىيەدە داۋالىنىدۇ

تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا يارىلانغان ئەزەربەيجانلىق 12 غازى داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئەۋەتىلدى.

1625722
ئەزەربەيجانلىق 12 غازى تۈركىيەدە داۋالىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېھىت ئائىلىلىرى ۋە غازىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۆلىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ياشىتىڭ فوندى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈرك ۋە ئەزەربەيجانلىق دوختۇرلارنىڭ قاراشلىرى نەزەرگە ئېلىنىپ، 12 غازىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىنىڭ تۈركىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ياشىتىڭ فوندى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېھتىياج چۈشكەن تەقدىردە، ئېغىر يارىلانغان غازىلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن چەت ئەلگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ياشىتىڭ فوندى»، ئىلگىرىمۇ 51 غازىنى داۋالىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر