ئۆزبېكىستاندا يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلىكىگە تۈرك مۇتەخەسسىس تەيىنلەندى

ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى جەمشىد خوجايېۋنىڭ مەسلىھەتچىلىكى ۋەزىپىسىگە ۋە مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى دېھقانلارنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىغا تۈرك مۇتەخەسسىس مۇھەممەد سەدات قولجۇئوغلۇ تەيىنلەندى.

1624987
ئۆزبېكىستاندا يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلىكىگە تۈرك مۇتەخەسسىس تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسپارتا يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پىنسىيەگە چىققان،  تەخمىنەن 2 يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستاندا بىر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان قولجۇئوغلۇ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى مىنىستىرى جەمشىد خوجايېۋ ئىمزالىغان قارارغا ئاساسەن، مىنىستىرنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە ۋە مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى دېھقانلارنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئىلگىرى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا دېھقانلارنى تەربىيەلەش، كېڭەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن قولجۇئوغلۇ، مىنىستىر مەسلىھەتچىلىكى ۋەزىپىسىدە، دۆلەتتە دېھقانلارنى تەربىيەلەش ، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش، خەلقئارالىق ھەمكارلىقلار ۋە تۈركىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ،  دۇنيا بانكىسىنىڭ ياردەملىرى ۋە يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەلىرى دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستاندا دېھقانلارنى تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مىقياسىدا باشقا دېھقانلارنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر