كەركۈكتا ۋەقە تۇغدۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرىۋاتقان 7 نەپەر دائېش تېررورچىسى قولغا چۈشتى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەرىكەتتە ۋەقە تۇغدۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقان 7 تېررورچى قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئامىر نۇرى بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلار بىلەن جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى پانجا ئەلى رايونىدا بىر ئادرېسقا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامىر نۇرى تەكشۈرۈشتە دائېش ئەزاسى 7 تېررورچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رامىزاندا ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامىر نۇرى نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ دەسلەپكى سوراقتىلا ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە يېزا-قىشلاقلاردىن شەھەرگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.