تۈرك كېڭىشىنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 67

1617501
تۈرك كېڭىشىنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنى

تۈرك كېڭىشىنىڭ 31 – مارت كۈنى چاقىرىلغان بىرەسمىي باشلىقلار  تور يىغىنى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى، 31-مارت كۈنى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «تۈركىستان: تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىدىن بىرى» تېمىسىدىكى تۈرك كېڭىشىنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار تور يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ۋېنگرىيە رەھبەرلىرى، تۈرك كېڭىشى، تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك كېڭىشىنىڭ پەخرىي رەئىسى  نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

باشلىقلار يىغىنىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر  ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى. باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، «تۈركىستان خىتابنامەسى» قوبۇل قىلىندى. ئەمدى بىز بۇ خىتابنامەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم قارارلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرى، «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىدىن بىرى» ئېلان قىلىندى. بۇ رېئاللىق، تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش، ياش ئەۋلادلارنى تۈرك ئېڭى بويىچە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيەدە كۈزدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 8 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلدى. ناھايەت، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تولۇق خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

«تۈرك قارىشى 2040» ھۆججىتىنىڭ كېلەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈلدى. «تۈرك قارىشى 2040» ھۆججىتى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈرك كېڭىشىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىىغان ئىنتايىن مۇھىم ھۆججەتتۇر. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ پىلانلىق – پىروگراممىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا، قاراباغ توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى رازىمەنلىك ئىپادىلەندى، ھەمدە تۈرك كېڭىشىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  2020-يىلى، 10 – نويابىر كۈنى، تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇقتىن بولغان مۇناسىۋەت  ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ھازىر ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ زېمىنىغا كىرمەي تۇرۇپ بىر-بىرىگە بارالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2021-يىلى، 1 – ئاپرېل كۈنى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ، باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

باشلىقلار يىغىنىدا يەنە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغانلارغا بېرىلىدىغان تۈرك كېڭىشى خەلقئارا ئەلشىر ناۋايى مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. 2021-يىلى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نىزامى گەنجەۋى، يۇنۇس ئەمرە، ئەلشىر ناۋايى، جامبىل جابايېۋ ، ئەلىخان بوكەيخان ۋە ھۈسەيىن قاراسايېۋ قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىندى.

يىغىندا، رەھبەرلەر، تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا ئورتاق مەبلەغ فوندى ۋە بىرلەشمە بانكا قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، كېلەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ساھەدە كونكرېت قەدەملەر تاشلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.

تۈرك كېڭىشى گۇرۇپپىسى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلىشىش ھەم ھەمكارلىشىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى. شۇنداقلا، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن باشلىقلار يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان  زىيانلارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاقساپ قالماسلىقىغا ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت، تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر