مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستاندا تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۇشەنبەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا  تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

1610167
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستاندا تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئاندىن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەبەردى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «دۇشەنبەدە بىز ئەڭ دەسلەپ تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان سودا – سانائەتچىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئىمكانىىيەتلىرىنى  مۇزاكىرىلەشتۇق» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ تەڭ دەرىجىلىك رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيانىڭ قەلبى - ئىستانبۇل مۇساپىسى 9-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر