مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە خىۋەنى ئېكسكۈرسىيە قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىۋە شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

1596651
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە خىۋەنى ئېكسكۈرسىيە قىلدى
cavusoglu ozbekistan hive.jpg
cavusoglu ozbekistan hive1.jpg
cavusoglu ozbekistan hive2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاندا 1511 – ۋە 1920-يىللىرى ھۆكۈمرانلىق سۈرگەن خىۋە خانلىقىنىڭ پايتەختى خىۋە شەھىرىدىكى تارىخى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاۋۇشئوغلۇمۇ ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ رەھبەرلىكى سايىسىدا ناھايىتى ياخشى بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق ئوخشاشمىغان ساھەلەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە يەنە، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خىۋە، بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتە مېھمانخانىلارنىڭ سېلىنىشى توغرىسىدا تۈركىيە شىركەتلىرىگە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭمۇ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن بۇخاراغا ئۇچۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچۇشلار باشلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پۇقرالار كېلىپ، بۇ گۈزەللىكلەرنى ۋە تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇغا «خىۋەنىڭ پەخرىي پۇقرالىقى» تەقدىم قىلىندى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تارىخى خارەزم رايونىنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان بىر كۆرگەزمىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر