ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيەنىڭ 10 – نويابىر باياننامىسىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ 10-نويابىر باياننامىسىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1591216
ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيەنىڭ 10 – نويابىر باياننامىسىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تاغلىق قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان 10 – نويابىر باياننامىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، باياننامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرا قىلىندى، ئەرمېنىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىماي، بۇ جەريان داۋاملىشىدۇ، بولمىسا، ئەرمېنىيەنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، دەرۋەقە، ئەرمېنىيە يېڭى رېئاللىقلار بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك.»

ئەرمېنىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نامايىشلار ئەرمېنىيە دۆلىتىنى قاتتىق زىلزىلىگە كەلتۈردى، ئەرمېنىيەدە بوھرانلىق ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا، پىرىنسىپ جەھەتتىن بىز ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز.»

بۇ ئەھۋالنىڭ جاۋابكارىنىڭ مەۋجۇت ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر، بۇنىڭ سەۋەبى، ھازىرقى ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەردۇر، ئەرمېنىيەنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر