تۈرك كېڭىشى خوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈرك تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) ئەزەربەيجان بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1591376
تۈرك كېڭىشى خوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ خوجالى قەتلىئامىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، تاغلىق قاراباغنىڭ خوجالى بازىرىدا 1992 – يىلى 26 – فېۋرالدا ئەر

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ 1992 -يىلى 26- فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ ئۈستۈن قاراباغ رايونىدىكى خوجائەلى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ كىشىلەرنى قەتل قىلغانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتتى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ مىڭلارچە ئەزەربەيجانلىقنى ئەسىرگە ئالغانلىقى ۋە خوجالى بازىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئامرېيېۋ، تېلېگراممىسىدا: «پۈتكۈل دۇنيانىڭ شاھىت بولغىنىدەك، ئادالەت نامايان بولۇپ، قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بارغان يوللۇق كۈرىشى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ غەلىبە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىش ۋە خۇشاللىق مەنبەسى بولدى» دېدى.

خوجالىنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشىنىڭ ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ كۆڭلىدە يېپيېڭى ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامرېيېۋ: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈرك كېڭىش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىقىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز، ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەزەربەيجان بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا بىر سەپتە تۇرماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر