ئەلىيېۋ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1590456
ئەلىيېۋ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلىيېۋ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىدە ئەردوغانغا مۇۋەپپەقىيەت ھەم تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلىگەن.

ئەلىيېۋ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە مۇستەقىل سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقان بىر كۈچ مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كېچە – كۈندۈز ئىشلەتۋاتقان خىزمەتلىرى ھەم كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋە «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىدىغان ئەزەربەيجان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بولۇشىدىن ئۆزىنى تولىمۇ شان - شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىققا تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇ سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە بىۋاسىتە سىزنىڭ مىسلىسىز رولىڭىز باردۇر، كۆپ يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەم ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىڭىزنىڭ قەتئىيلىكى، ئەزەربەيجاننىڭ ئەبەدىي زېمىنلىرىنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىشى جەريانىدا قىلغان ھەر تۈرلۈك ياردەملىرىڭىز، جۈملىدىن، ئوچۇق – ئاشكارا ھەم قىلچە ئىككىلەنمەستىن بەرگەن مەنىۋى ۋە سىياسىي ياردەملىرىڭىز، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. ھەر ساھەدىكى كەڭ كۆلەملىك، ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ ھەمكارلىقىمىزنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە قوللاشنى ئاساس قىلىدىغان ئىزچىل مەيدانىمىز ۋە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ، دۆلەتلىرىمىزنىڭ كۈنسېرى تەرەققىياتى ۋە خەلقلىرىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر