مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى 5 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قانتىنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى

1589543
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، مەنسەپدىشى بايراموۋ بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ۋە يۇقىرى قاراباغنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھەبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئازاد قىلىنغان يەرلەرنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ياردەملىرىمىز داۋاملىشىدۇ، پات يېقىندا كىملىك ​​بىلەن ساياھەت قىلىشنى باشلىتىمىز » دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر