تۈرك كېڭىشى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر  ھەمكارلىق كېڭىشى  (تۈرك كېڭىشى) ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

1589214
تۈرك كېڭىشى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر، ئىقتىساد – سودا، سەھىيە، مائارىپ ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرگە ئېنېرگىيەنىمۇ ئىلاۋە قىلىدىكەن. بۇ دائىرىدە، تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى، ئەتە تۇنجى قېتىم تور يىغىنى ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

تۈرك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ بىلەن تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەيدىغان يىغىندا، تۈرك كېڭىشى دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە تاشلىغۇسى ئورتاق قەدەملىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

يىغىندا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە سەرخىللاشتۇرۇلۇشى، ھەمدە رايونلۇق ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك پۇرسەت ھەم ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، يىغىندا، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى نۇرلان نوگايېۋ، قىرغىزىستان ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى قۇبانىچبېك تۇردۇبايېۋ، ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەلىشىر سۇلتانوۋ ۋە ۋېنگىرىيە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئاتىللا ستېينېر قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر