چاۋۇشئوغلۇ: تۈركمەنىستان گازىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداشقا تەييارمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان گازىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1589341
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركمەنىستان گازىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ بىلەن ئايرىم ۋە ھەئەتلەر ئارا ئۇچرىشىتىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئايرىم ۋە ھەئەتلەر ئارا  مۇزاكىرىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ قايسى ساھەلەردە قانداق قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ رامكا دائىرىسىدە  تەييارلانغان يول خەرىتىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركمەنىستان گازىنىڭ تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن بىز تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداشقا تەييارمىز» دېدى.

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋمۇ ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئېنېرگىيە، قاتناش، يۇقىرى تېخنىكا ۋە باشقا مەسىلىلەردە بىرلىكتە لايىھەلەرنى تۈزەلەيمىز، بىز پىلان ۋە  پروگراممىلارنى تۈزۈپ، تۈرك دوستلىرىمىزغا تەكلىپ سۇنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر