ئەرسىن تاتار بورېل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1585528
ئەرسىن تاتار بورېل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بورېل تاتارغا تېلېفون قىلىپ، 19 – فېۋرال كۈنى ئارالغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ 2021 – يىلى 4 – 5 – مارتقا كىچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر  مۇزاكىرە قىلىنغان، ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بورېل، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر