قازاقىستان يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىنى تونۇتتى

قازاقىستان مىللىي ئېلىپبە كومىتېتى، 2023 – 2031 – يىللىرى ئارىسىدا تەدرىجىي يولغا قويۇلۇشى قارار قىلىنغان لاتىن ھەرپلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان يېڭى قازاق ئېلىپبەسىنى تونۇشتۇردى.

1573351
قازاقىستان يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىنى تونۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەخمەت بايتۇرسۇنوف تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئېلىپبە «بىر تاۋۇش - بىر ھەرپ» پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەييارلاندى.

لاتىن ھەرپلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان يېڭى قازاق ئېلىپبەسىدە توققۇزى سوزۇق تاۋۇش بولۇپ 31 ئاساسىي ھەرپ بار. ئەمما، ئېلىپبەگە كىرگۈزۈلمىگەن x ۋە w قاتارلىق ھەرپلەر چەت ئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

باش مىنىستىر ئەسقەر مامىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «ئېلىپبەنىڭ ياخشىلانغان نۇسخىسى قازاق تىلىنىڭ تارقىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.

1940- يىلدىن باشلاپ كىرىل ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قازاقىستان، 2017- يىلى قەدەممۇ قەدەم لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر