دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان فەرمان ئىسمائىلوۋنىڭ جىنازىسى ئەزەربەيجانغا يوللاندى

نىگېرىيەگە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان «موزارت» ناملىق پاراخوتىنىڭ ئەزەربەيجانلىق خادىمى فەرمان ئىسمائىلوۋنىڭ جىنازىسى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا ئەۋەتىلدى.

1571928
دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان فەرمان ئىسمائىلوۋنىڭ جىنازىسى ئەزەربەيجانغا يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گابوننىڭ پايتەختى لىبرېۋىلدىن ئەتىگەندە تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) گە تەۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا ئېلىپ كېلىنگەن فەرمان ئىسمائىلوۋنىڭ جىنازىسى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلدى.

رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئۇنىڭ جىنازىسى سائەت 07.30 دە تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) گە تەۋە «TK0332» نۇمۇرلۇق ئىستانبۇل-باكۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن يۈرتى باكۇغا دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى.

لىبېرىيە بايرىقى ئاستىدىكى «موزارت» ناملىق پاراخوت 23 - يانۋار نىگېرىيەنىڭ لاگوس دېڭىز قىرغىقىدىن 180 مىل يىراقلىقتا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

لاگوستىن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ كېپ توۋن شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان پاراخوتتىكى 19 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرىدىن ئەزەربايجانلىق  پاراخوت خادىمى فەرمان ئىسمائىلوۋ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە باشقا 15 خادىم تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر