قىرغىزىستاندا سادىر جاپپارۋونىڭ ھۆكۈمىتى تارقالدى

قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 10-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سادىر جاپپاروۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، سادىر جاپپاروۋنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت تارقالدى.

1568566
قىرغىزىستاندا سادىر جاپپارۋونىڭ ھۆكۈمىتى تارقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، سادىر جاپپاروۋنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ 28-يانۋار (2021) پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تالانت مامىتوۋنىڭ كابېنت ئەزالىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئارتەم نوۋىكوۋنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان سادىر جاپپاروۋنىڭ 28-يانۋار بىشكەكتىكى چوڭ كونسېرت زالىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

قىرغىزىستاندا 2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ  5-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى زوراۋانلىققا ئايلانغان ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىلەن پارلامېنت بىناسى بېسىلغان ئىدى.  شۇ كۈنى تۈرمىدىن چىقىرىلىپ «ۋاقىتلىق باش مىنىستىر» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە ئاتا يۇرت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سادىر جاپپاروۋنىڭ باش مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى كابېنتى، 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر تەستىقلانغان ئىدى.

قىرغىزىستاننى ئۈچ يىل باشقۇرغان پىرېزىدېنت سورونباي جەئىنبېكوۋ  ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت نامزاتى بولغان سادىر جاپپاروۋ، بۈگۈن (2021-يىلى 21-يانۋار) باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بەردى.

ئۇ 10-يانۋار مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %79.20 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر