ئەرسىن تاتار ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى جەين خول لۇت بىلەن كۆرۈشتى

ئەرسىن تاتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىسقا يوللىغان ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى جەين خول لۇتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1561813
ئەرسىن تاتار ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى جەين خول لۇت بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار قىبرىس تۈرك تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان مۇزاكىرىلەردە، تۈركىيە بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ئاساسىدا بىرلىكتە ياشىغان ئىككى تەرەپ (رىم ۋە تۈرك) دۆلەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «بىز بۇ جەرياننى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ ماڭماقتىمىز. قىبرىس تۈرك تەرەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋاملىق ئەنقەرە دائىرىلىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئىچىدىمىز» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ ئۇچرىشىشتىن تولىمۇ خۇشالمەن، ئۇدۇلۇمدا بىزگە ھەقىقەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان ۋە بىزنىڭ گېپىمىزنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندىن كېيىن بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن لۇت بار. بۇ بىزنىڭ مۇشۇ باسقۇچتا مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى. بەك بالدۇر سۆزلەش توغرا ئەمەس، لېكىن دۇنيا ئەمدىلىكتە قىبرىستىكى ھەقىقەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە باشلىدى. بىز ئانا ۋەتەن تۈركىيە بىلەن تولۇق مەسلىھەتلىشىش ۋە ماسلىشىش ئىچىدىمىز. رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق پايدىغا ئىگە بولىشى ئۈچۈن ئەقىل ۋە مەنتىق يولى ئارقىلىق بۇ ئىشنى ئىلىپ مېڭىش لازىم . تۈركىيە بىلەن يۈزدە يۈز ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشنىڭ مانا ھازىر مىۋىلىرىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋاتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر