ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقلىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بېردى

ئەزەربەيجان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ناگىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى دېرىكتورى ئارمېن ئابازيان ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت چېگرىسى ۋە تاغلىق قاراباغنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1561489
ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقلىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بېردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ناگىيېۋ بىلەن ئابازياننىڭ 8 - يانۋاردا ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپ رايوندا ۋە 10-يانۋاردا بولسا ئەرمېنىيەنىڭ سونىك ئۆلكىسىگە يېقىن چېگرا رايونىدا ئۇچراشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاخىرقى ئۇچرىشىش دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈش، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان تاغلىق قاراباغ ۋە باشقا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، توقۇنۇش رايونلىرىغا دەپنە قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر