تۈركىيە  قازاقىستاندىكى سايلام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە  قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك  ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1561022
تۈركىيە  قازاقىستاندىكى سايلام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە  ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «سايلام نەتىجىسىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن خەيىرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يىل مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان قېرىنداش قازاقىستان بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر