قازاقىستان خەلقى كەلگۈسى 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىماقتا

قازاقىستان خەلقى كەلگۈسى 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

1560704
قازاقىستان خەلقى كەلگۈسى 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا رۇيخەتكە ئېلىنغان 12 مىليون سايلىغۇچى  بولۇپ، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان مەجلىستە كەلگۈسى 5 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنى  سايلاش ئۈچۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:00 دىن ئېتىبارەن بېلەت تاشلاش باشلاندى.

چەتئەلدە ياشايدىغان قازاقىستان پۇقرالىرىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

سايلامدا ھاكىمىيەتتىكى نۇر ئوتان پارتىيەسىدىن 126، ئاق يول دېموكراتلار پارتىيەسىدىن 38، قازاقىستان خەلق پارتىيەسىدىن 113، ئاۋىل (يېزا) خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىدىن 19 ۋە ئادال (سەمىمىيەت) پارتىيەسىدىن 16 بولۇپ، جەمئىي 312 نامزات رىقابەتلىشىدۇ.

مەملىكەت مىقياسىدىكى بېلەت تاشلاش جەريانى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

پارلامېنت ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن تەركىب تاپقان ئىككى قاناتلىق قۇرۇلمىغا ئىگە قازاقىستان پارلامېنتى، ئاساسىي قانۇن بويىچە «دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان مەجقلىس 107 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر