قىرغىزىستاندا ھەم پىرېزىدېنتنى، ھەم دۆلەت تۈزىمىنى بەلگىلەش سايلىمى باشلاندى

قىرغىزىستان خەلق كەلگۈسى 6 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پىرېزىدېنتىنى سايلاش ۋە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلۇش شەكلىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا باردى.

1560614
قىرغىزىستاندا ھەم پىرېزىدېنتنى، ھەم دۆلەت تۈزىمىنى بەلگىلەش سايلىمى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە قىرغىزىستاندا، 3 مىليون 563 مىڭ 574 سايلىغۇچى بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

سايلامدا پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن سابىق باش مىنىستىر سادىر جاپاروۋ، سابىق پارلامېنت باشلىقى ئاداخان مادۇماروۋ، سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى باشلىقى ئابدىل سەگىزبايېۋ ۋە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئەزاسى كلارا سورونكۇلوۋا قاتارلىق 17 نامزات رىقابەتلەشمەكتە.

ساندۇق بېشىدىكى خادىملار سايلىغۇچىلارغا تارقاتقان ئىككى بېلەتتە، 17 نامزاتنىڭ ئىسمى ۋە ھەممىنى رەت قىلىش كاتاكچىسى، شۇنداقلا 2010 - يىلىدىن بۇيان پارلامېنت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەت تۈزىمىنى بەلگىلەش ئۈچۈن «پىرېزىدېنتلىق دۆلەت تۈزىمى»، «پارلامېنت تۈزۈمى» ۋە «ھەممىگە قارشى» قاتارلىق تاللاش كاتاكچىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بېلەتنىڭ يېرىمىدىن بىر بېلەت كۆپ ئالغان نامزات سايلانغان ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئەڭ يۇقىرى بېلەتكە ئېرىشكەن ئىككى نامزات ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا چۈشىدۇ.

4 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە قوللىغۇچىلىرىنىڭ نامايىشلىرى زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق بىناسى  ۋە پارلامېنت بىناسى ئىشغال قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر