تۈرك كېڭىشى تۈركىيەنىڭ «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى» قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى» نى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنى تەبرىكلىدى.

1560269
تۈرك كېڭىشى تۈركىيەنىڭ «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى» قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈرك كېڭىشىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى تۈركىيە، <تۈركسات 5A خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى> نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى. تۈرك كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەنى تەبرىكلەيمىز، ئەزا دۆلەتلىرىمىزنىڭ تېخنولوگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىمىز.»

تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كەيپ كاناۋېرال بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن «تۈركسات 5A سۈنئىي ھەمراھى»، تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى 7 – ئاكتىپ سۈنئىي ھەمراھى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

«تۈركسات 5A خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى»، تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا غەربىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاقدېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە قارادېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك جۇغراپىيەدە، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش ۋە سانلىق مەلۇمات دائىرىسىدە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەتلىرىنى سۇنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر