ئەزەربەيجان تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1475555
ئەزەربەيجان تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لەيلا ئابدۇللايېۋا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز رايونىنىڭ گۈللىنىشىدە تارىختىن بۇيان مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى مەۋجۇت سۈركىلىشلەرنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ۋ مۇقىملىقنى قوغداش يولىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى قەتئىي قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر