تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەزەربەيجان ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇپ ۋەزىپە ئورۇندىدى.

1470690
تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا باشلىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى «تۇرئاز بۈركۈنى – 2020» داۋاملاشماقتا.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، مانېۋىر جەريانىدا تۈركىيە ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئەزەربەيجان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سېنارىيەنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىككىدىن – ئىككىدىن ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە ئۇچۇپ ۋەزىپە ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئۇچقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر