قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالماشتى
قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قارارى بويىچە مائۇلېن ئاشىمبايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ باياناتچىسى بەرىك ئۇالى ئاشىمبايېۋنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن پالاتا رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ قۇرغۇچى پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قىزى دارىگا نەزەربايېۋنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى.
49 ياشلىق ئاشىمبايېۋ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، پارلامېنت ئەزاسى، ھاكىمىيەتتىكى نۇر ئوتان پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.
قازاقىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە، پىرېزىدېنت ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن ياكى ۋاپات بولغاندا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
ئۇچۇر ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى مىنىستىرى داۋرېن ئابايېۋ قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ پەرمانى بىلەن پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇنىڭ ئورنىغا، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئايدا بالايېۋا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.