قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

قازاقىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1330310
قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 95 يولۇچى بىلەن 5 كىشىلىك خادىم ئولتۇرغان، ئالمۇتا – نۇرسۇلتان ئارىقىلىدا قاتناۋاتقان  Bek Air  ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىش جەريانىدا تۇرالغۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن، قازادا 14 يولۇچى جېنىدىن ئايرىلغان، 30 يولۇچى يارىلانغان، ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيداندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى باشلانغان.

قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازانىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر  Bek Air  ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر