ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

ئەزەربەيجاندا دۆلەت مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 28 – يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.

1290352
ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1918 – يىلى 28 – ماي كۈنى مەھمەت ئېمىن رەسۇلزادە رەھبەرلىكىدىكى مىللىي شۇرا تەرىپىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغان، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئەزەربەيجان، 1991 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى قايتىدىن مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە سەكرەپ چىقتى.

ئەزەربەيجان خەلقى ئۇدا 70 يىل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر چاغلاردا شەرقنىڭ تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئەزەربەيجاننىڭ  ئىرق، دىن، مەزھەپ ۋە جىنسىيەت ئايرىماستىن بارلىق پۇقرالىرىغا باراۋەرلىك ھوقۇقى بەرگەن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 1990 – يىلى 20 – يانۋار كۈنى باكۇ ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە ئايال – بالا دېمەستىن يۈرگۈزگەن قەتلىئام، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش باسقۇچى تېزلەشتى.

ئۆز ۋاقتىدىكى پارلامېنت ئورنىتىدىكى ئەزەربەيجان ئالىي كېڭىشى 1991 – يىلى 30 – ئاۋغۇست كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنىشىغا ئالاقىدار  باياننامىنى ماقۇللىدى. 1991 – يىلى سېنتەبىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنىشى توغرۇلۇق يىغىنلار چاقىرىلدى. ئالىي كېڭەش 1991 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى «ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئاساسىي قانۇن ئەھدىنامىسى» نى كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن ماقۇللىدى.

بۇ باياننامە ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغالچى دەپ قارالدى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ 1918 – يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكى جاكارلاندى.

ئالىي كېڭەشنىڭ قارارى توغرۇلۇق 1991 – يىلى 29 – دېكابىر كۈنى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلدى. رېفېراندۇمدا خەلقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

ئەزەربەيجاندا 1992 – يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى «مىللىي بايرام» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر