تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئورتاق ھەربىي مانىۋېر باشلىدى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ناھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئورتاق ھەربىي مانىۋېر باشلىدى.

1214965
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئورتاق ھەربىي مانىۋېر باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تەۋرەنمەس قېرىداشلىق 2019» ناملىق مانىۋېرغا 5000 ئەسكەر، 200 تانكا ۋە بىرونوۋىك ئاپتوموبىل، 180 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ، 21 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ مانىۋېر ئارقىلىق ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قابلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مانىۋېردا «دۈشمەن» دەپ بەلگىلەنگەن نىشانلار رەسمىي ئوققا تۇتۇلدى. مانىۋېر 11 - ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر