ئۆزبېكستاننىڭ سودا ھەجىمى ئاشتى
ئۆزبېكستاننىڭ تاشقى سودا ھەجىمى بۇ يىلنىڭ تۇنجى چارىكىدە 2018-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %27.2 ئېشىپ 9 مىليارد 406.2 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتى تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئېلان قىلدى. كومىتېتنىڭ سانلىق رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىنىڭ تۇنجى ئۈچ ئېيىدا ئېكسپورت مىقدارى %20.6 ئېشىپ 4 مىليارد 132.7 مىليون دوللارغا، ئىمپورت مىقدارى %32.9 ئېشىپ 5 مىليارد 273.5 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئۆزبېكستاننىڭ تاشقى قىزىل رەقىمى 1 مىليارد 140.8 مىليون دوللار بولغان.
2019-يىلىنىڭ تۇنجى چارىكىدە ئۆزبېكستاننىڭ ئېكسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا، ئالتۇن، ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى، رەڭلىك ۋە تۆمۈر مېتاللار بىلەن مۇلازىمەت ساھەسى تۇرغان. ئىمپورتىدا بولسا، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، رەڭلىك ۋە تۆمۈر مېتاللىرى مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
ئۆزبېكستاننىڭ تاشقى سودىسى 2018-يىلىدا 2017-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %27.3 ئېشىپ 33 مىليارد 815.3 مىليون دوللار بولغان بولۇپ، بۇنىڭ 14 مىليارد 257.9 مىليون دوللارلىق قىسمىنى ئېكسپورت، 19 مىليارد 557.4 مىليون دوللارلىق قىسمىنى ئىمپورت ئىگەللىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.