تەلئەفەر تۈركمەنلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى داۋاملاشماقتا
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن تەلئەفەرلىك تۈركمەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ئۇدا 4 يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قيايتقان تەلئەفەرلىك تۈركمەنلەر «‹يەھياۋا› مۇساپىرلار لاگېرى» غا ئورۇنلاشتى.
«‹يەھياۋا› مۇساپىرلار لاگېرى» نىڭ مەسئۇلى شۇئەيب قاساپئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە تەخمىنەن 50 تەلئەفەرلىك تۈركمەن ئائىلىنىڭ ئىراققا قايتقانلىقىنى ۋە ۋاقىتلىق «‹يەھياۋا› مۇساپىرلار لاگېرى» غا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا دائېش ئەزالىرى بىلەن ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن تەلئەفەردە كۆپ ساندا ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قاساپئوغلۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭمۇ يۇرتىغا قايتمىغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەلئەفەر ۋە باشقا تۈركمەن رايونلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.