شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رائۇف دەنكتاش خاتىرىلەندى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسلىرىدىن رائۇف رائىف دەنكتاش ۋاپاتىنىڭ يەتتىنچى يىللىقى خاتىرىلەندى.

1125346
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رائۇف دەنكتاش خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان سابىق جۇمھۇر رەئىس رائۇف رائىف دەنكتاش، ۋاپاتىنىڭ يەتتىنچى يىللىقىدا ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باف رايونىدا 1924-يىلى 27-يانۋار دۇنياغا كەلگەن دەنكتاش 1930-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن. كېيىنچە قىبرىسقا قايتقان ۋە 1941-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لەفكوشادىكى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن.

رائۇف دەنكتاش مەكتىپىنى پۈتكۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ رەھبىرى دوكتور فازىل كۈچۈك (كىچىك) چىقارغان «خەلقنىڭ ئاۋازى گېزىتى» دە ماقالە يېزىشنى باشلىغان.

ئۇ بىر مەزگىلگىچە گازىماغۇسادا تەرجىمان، سوت مەھكىمىلىرىدە مەمۇر ۋە ئەنگلىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ 1944-يىلى قانۇن كەسپى بويىچە «لىنكولىن ئىن» (Lincoln's Inn) دە ئوقۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بارغان. 1947-يىلى قىبرىسقا قايتىپ ئادۋوكاتلىق ۋە تەپتىشلىك خىزمىتىنى قىلغان ۋە 1956-يىلى باش تەپتىش دەرىجىسىگىچە ئۆسكەن.

ئۇ 1949-يىلى ئايدىن دەنكتاش بىلەن ئۆيلەنگەن. 1955-يىلى قىبرىس ئارىلىنى گىرېتسىيەگە قېتىش ئارزۇسى بولغان ئېنوسىسقا قارشى كۈرەشكە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئې ئو كا (EOKA) تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان.

رائۇف دەنكتاش 1958-يىلى 1-ئاۋغۇست «تۈرك مۇكاۋەمەت (ئويغىنىش) تەشكىلاتى» (TMT) نى قۇرغان ۋە رۇملارنىڭ تۈرك يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشلارنى تەشكىللىگەن. ئۇ شۇ يىلى تۈرك جامائەت مەجلىسى بىلەن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1960-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى 650 كىشىلىك تۈرك بىرىگادىسى ماگوساغا قەدەم باسقان. ئۇ 1963-يىلدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ۋە بىر بازغان بىلەن قىبرىسقا قايتىپ، تۈرك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەشكە باشلىغان.

ئۇ 1964-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن لوندون كونفېرانسىدىن كېيىن، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى رەھبىرى ماكارىيوس تەرىپىدىن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇ 1967-يىلى قىبرىس ئارىلىغا مەخپىي كەلگىنىدە تۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، كۆپ كۈچ چىقىرىش نەتىجىسىدە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1968-يىلى چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىبرىسقا قايتقان.

رائۇف دەنكتاش 1968-يىلى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇنجى مۇزاكىرەلەرنى باشلىغان بولۇپ، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن سپىروس كىپرىيانۇ، يورگوس ۋاسىلىيۇ، گلافكوس كلېرىدېس ۋە تاسوس پاپادوپۇلوس قاتارلىقلار بىلەن بىر قانچە يىلغا سوزۇلغان مۇزاكىرەلەرنى ئۆتكۈزگەن.

ئۇ 1970-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا تۈرك جامائىتى مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ 1973-يىلىغىچە قىبرىسنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە قىبرىس تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان. 1975-يىلى 13-فېۋرال قىبرىس تۈرك فېدېراتسىيە دۆلىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەجلىس باشلىقى ۋە دۆلەت پىرېزىدېنتى بولغان.

رائۇف دەنكتاش ئاساسىي قانۇننىڭ تەلىپى بويىچە 1976-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا قىبرىس تۈرك دۆلىتىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ۋە 1981-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئىككىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان. 1983-يىلى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ 1990- ۋە 1995-يىللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىمۇ ئىككىنچى ھەمدە ئۈچىنچى نۆۋەت شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولغان.

ئۇ 2012-يىلى 13-يانۋار 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر