ئۆزبېك گېنېرال دوستۇمنىڭ غول قوماندانلىرىدىن بىرسى تۇتۇلدى

ئۆزبېك گېنېرال دوستۇمنىڭ ئەڭ غول قوماندانلىرىدىن نىزامۇددىن قەيسەرى فەرياب ۋىلايىتىدە تۇتۇلدى.

1004613
ئۆزبېك گېنېرال دوستۇمنىڭ غول قوماندانلىرىدىن بىرسى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە جۈمبۈش پارتىيەسى رەھبىرى رەشىد دوستۇمنىڭ ئەڭ غول قوماندانلىرىدىن نىزامۇددىن قەيسەرى فەرياب ۋىلايىتىدە تۇتۇلدى.

فارياب ۋىلايەتلىك شۇرا باشلىقى مۇھەممەد سامى خەيىرخاھ، دوستۇمنىڭ ئەڭ غول قوماندانى نىزامۇددىن قەيسەرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە فاريابنىڭ مەركىزى مايمانا شەھىرىدىكى بىرىنچى پىيادە قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىدا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتقۇن قىلىش ئەسناسىدا ساقچىلار بىلەن قەيسەرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان خەيىرخاھ، توقۇنۇشتا قەيسەرىنىڭ 4 مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 3نىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەيىرخاھ مۇنداق دېدى: « قەيسەرى ساقچىلار تەرىپىدىن قوللىرى باغلىنىپ ئايروپىلان بىلەن پايتەخت كابۇلغا ئەۋەتىلدى.»

قەيسەرىنىڭ بىرىنچى پىيادە قوماندانلىق ئىشتابىغا يىغىن باھانىسى بىلەن چاقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان خەيىرخاھ، قەيسەرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەھەر مەركىزىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، جۈزجان ئۆلكىسىنىڭ شىبىرگان شەھىرىدىمۇ قەيسەرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

رەشىد دوستۇمنىڭ ئەڭ غول قوماندانلىرىدىن نىزامۇددىن قەيسەرىنىڭ مۇھاپىزەتچى سالاھىيىتىدە 2000دىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر