ئەردوغان ئۆزبېكستان زىيارىتىنى باشلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشكەنتتە ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ تەرىپىدىن كۆكسارايدا كۈتۈۋېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ باردى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىرزايېۋ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئىمزا مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئارقىدىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكستان پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ياسلى ئانا ۋە ئىسلام كەرىموۋ خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچ كۈنلۈك ئۆزبېكستان زىيارىتىدە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىروگراممىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىرزايېۋ تۈركىيە-ئۆزبېكستان سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشكەنتتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن سەيشەنبە (1-ماي) بۇخاراغا بارىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزبېكستان زىيارىتىدە، بەزى مىنىستىرلار ۋە نۇرغۇن سودا-سانائەتچىلەر ھەمراھ بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.