ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىمۇ؟

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيەلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

451991
ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن مەھرۇم  قالدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بۇلتۇر ئافرېلدا تۇرپان ۋىلايىتىنى، بۇ يىل يانۋاردا قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، يېقىندا يەنە خوتەن ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىلايەتلەرنى مۇشۇنداق مەمۇرىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش پىلانىنى «مۇقىملىققا پايدىلىق ئىستراتېگىيە» دەپ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا جاكارلىماقتا. يېقىنقى يىللاردا خىتايچە مۇنبەرلەردە: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى بىكار قىلىپ، ئۇنى 2 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ رايونلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇشقا ئوخشىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغانىدى. چەت ئەللەرىكى خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارىشىنى پەيدىن-پەي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر يېقىن كەلگۈسىدە خوتەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىنسا، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، تۇرپان ۋە قۇمۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان 3-چوڭ ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدىكەن.

خىتاي بۇ ئۈچ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى تەسىس قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈرۈمچى ۋە قارامايدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، 5 ۋىلايەت، 5 ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق 4 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە: «ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش، رايوندا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر ئىستراتېگىيە» ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيە بويىچە ‹ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر› تەسىس قىلىش پىلانى» 2012-يىلدىن 2030-يىلىغچە بولغان ئارىلىقتا تاماملىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەرياندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ: «يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر جايلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش؛ ھازىرقى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شەھەر-بازارلارغا ماكانلىشىشىنى قوللاش، يۆتكەلمە نوپۇسىنى تەدرىجىي شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي كۈزەتكۈچىلىرىدىن «لاۋگەي فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى خەررىي ۋۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىشى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىدا ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىدىغان بىر تەدبىر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىدارە قىلىشىنى كۈچەيتىدىغان بىر سىياسي تەدبىر ئىكەن؛ بۇ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىشىغا تامامەنەن ئوخشىمايدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سەل قارىشىغا زادى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك سىياسەت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر