تارىختىكى بۈگۈن: 19.12.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 19 - دېكابىر - شەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1548334
تارىختىكى بۈگۈن: 19.12.2020

■ 1957 – يىلى  19 – دېكابىردا پارىژدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى تەھدىتلىرىگە قارشى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يادرو بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇ قارارغا ئەگىشىپ باشتا فېدېراتىپ گېرمانىيە بولۇپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي بازىلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قۇرۇلۇشقا باشلاندى.

 

■ 1987 – يىلى  19 – دېكابىردا بۇلغارىيەدىن قېچىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن نائىم سۈلەيمانئوغلۇ تۇنجى قېتىم خەلقئارا جۇمھۇرىيەت ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇرسابىقىسىگە چۈشۈش ئۈچۈن مىللىي فورما كىيدى. سۈلەيمانئوغلۇ، يۇلۇپ كۆتۈرۈش، سىلكىپ كۆتۈرۈش ۋە توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزىگە ئائىت بولغان دۇنيا رېكورتلىرىنى يېڭىلىدى.

 

■ 1992 – يىلى  19 – دېكابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 دۆلەت سومالىدىكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىچكى توقۇنۇشلارغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن «ئۈمىد ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىدى. تۈركىيە دەسلىپىدە سىياسىي، ئارقىدىن ھەربىي جەھەتتىن ھەمدەم بولغان ھەربىي ھەرىكەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. بىراق، سومالىلىق گېنېرال ئائىدىدنىڭ ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى ئەسناسىدا ئامېرىكىنىڭ 17 ئەسكىرى ئۆلدى، 77 ئەسكىرى يارىلاندى، بىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كلىنتون، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر