تارىختىكى بۈگۈن: 18 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1547606
تارىختىكى بۈگۈن: 18 – دېكابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 18 – دېكابىر، جۈمە.

  • 1865 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،    قۇللۇق تۈزۈمى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. قۇللۇق تۈزۈمگە ئالاقىدار بارلىق بەلگىلىمىلەر فېدېراتسىيە  قانۇنلىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى.

  • 1996 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، پېرۇدىكى تۇپاك ئامارۇ قوراللىقلىرى ياپونىيەنىڭ پايتەخت لىمادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى. ئۇدا 4 ئاي ئەلچىخانىدا 70 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 14 قوراللىق ئۇنسۇر، پېرۇ دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.

  • 2002 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، غەربلىك تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئاخبارات پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان دوتسېنت دوكتور نەجىب ھابلەمىتئوغلۇ، ئۆيىنىڭ ئالدىدا سىرلىق سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.

  • 2006 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، «تاش قوراللار دەۋرى» ۋە «يوگى ئېيىق» ناملىق كارتون فىلىملىرى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق  رېژىسسور ۋە كارتون رەسسامى جوسېف باربېرا ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر