تارىختىكى بۈگۈن 13.12.2020
بۈگۈن 2020 – يىلى 13 - دىكابىر يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
تارىختىكى بۈگۈن 13.12.2020
2002 – يىلى 13 – دىكابىردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېڭىيىشىنى ئېلان قىلدى. 2004 - يىلى 1 – مايدىن ئېتىبارەن 10 نامزات دۆلەتنىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2003 – يىلى 13 – دىكابىردا، باغداتتىن قېچىپ، يوشۇرۇنغان سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان يۇرتى تىكرىت ئەتراپىدا بىر پاناھجايدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈبشۈرۈلدى. سادامنىڭ تۇتۇلۇشى ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىقنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.
2017 -يىلى 13 – دىكابىىردا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا، ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى پايتەخت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئەلچىخانىسىنى يۆتكەش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددى يىغىن چاقىردى. 16 پىرىزېدېنتنى قوسقاندا، جەمئىي 48 دۆلەت ۋەكىلى قاتناشقان باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇس ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...