تارىختىكى بۈگۈن 06.12.2020
بۈگۈن 2020 – يىلى 6 - دىكبىر يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
تارىختىكى بۈگۈن 06.12.2020
1865 – يىلى 6 – دىكابىردا، ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا قۇللۇقنى چەكلەيدىغان 13 - ماددا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئامېرىكانىڭ قۇللۇققا قارشى پىرېزىدېنتى ئابراھام لىنكولىن بۇ بەلگىلىمىنىڭ قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى كۆرەلمىگەن ۋە 18 - ئاپرېلدىكى سۇيىقەستتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
1917 – يىلى 6 – دىكابىردا كانادانىڭ خەلىفاكىس شەھىرىدە پارتىلاتقۇچ قاچىلانغان بىر پاراخوت يەنە بىر پاراخوت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەگە قىزىققان ئامما پورتقا يۈگۈرىشىۋاتقىنىدا، پاراخوتتىكى يۈك پارتلاپ، 2 مىڭ ئادەم قازا قىلغان ئىدى.، پارتلاشتا مىڭلىغان كىشى يارىلانغان ۋە شەھەرنىڭ بىر قىسمى ۋەيران بولغان ئىدى.
2017 – يىلى 6 – دىكابىردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بۇ قاراردىن كېيىن ئىستانبۇلغا يىغىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...