تارىختىكى بۈگۈن 30.11.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 30 - نويابىر  دۈشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1536879
تارىختىكى بۈگۈن 30.11.2020

تارىختىكى بۈگۈن 30.11.2020

 

1900 – يىلى 30 – نويابىردا يازغۇچى ئوسكار ۋىلد پارىژدا ۋاپات بولغان بولۇپ، يازغۇچى تۇرغان مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا «بىرسىمىز چوقۇم كېتىشىمىز كېرەك» دەپ يېزىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

1925 – يىلى 30 - نويابىردا، تۈركىيەدە مەقبەرىلەر، تەككىلەر ۋە دەرگاھلار تاقىۋېتىلدى. بۇ قانۇن ئارقىلىق يەنە، رۇخسەتسىز كىشىلەرنىڭ سەللە ۋە دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەندى. شۇ كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)  باشلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا «ھاكىمىيەت مىللەتكە مەنسۇپ» دېگەن خەت ئېسىلدى. ئاتاتۈرك كاستامونۇدا قىلغان سۆزىدە: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەيخلەر، دەرۋىشلەر، مۇرىتلەر ۋە مەجنۇنلار دۆلىتى بولالمايدۇ. ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ھەقىقىي تەرىقەت، مەدەنىيەت تەرىقىتىدۇر» دېگەن ئىدى.

1974 – يىلى 30 - نويابىردا، ئېفىيوپىيەدە 3 مىليون 200 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان بىر ئىننسان ئىسكىلىتى بايقالغان ئىدى. بايقىغۇچىلار «لاكىي» دەپ ئىسىم قويغان ئىسكىلىتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 105 سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر