تارىختىكى بۈگۈن: 26.11.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 26 - نويابىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1534867
تارىختىكى بۈگۈن: 26.11.2020

■ 1942 – يىلى  26 – نويابىردا گېرمانىيە قىسىملىرى بىلەن ستالىنگرادتا ئۇدا بىر قانچە كۈن ئېلىشقان سوۋېت ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ستالىنگراد ئۇرۇشى گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە خاتىمە بەردى.

 

 

■ 1943 – يىلى  26 – نويابىردا تۈركىيەنىڭ ئاماسيا، چورۇم، سامسۇن، توكات، ئوردۇ ۋە كاستامونۇ رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، مەركىزىي نۇقسىتىسى توسيا ۋە لادىك بولغان 7.2 بال يەر تەۋرەشتە 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. يەر تەۋرەشتە 25 مىڭ بىنا تالاپەتكە ئۇچرىدى.

 

 

■ 1954 – يىلى  26 – نويابىردا ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي سودا – سېتىق مەركىزى – قاپالىچارشىدا ناھايىتى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئوت ئاپىتىدە 394 دۇكان كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى بىر يىل داۋاملاشتى ۋە قاپالىچارشى قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر