تارىختىكى بۈگۈن: 11.11.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 11 - نويابىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1525919
تارىختىكى بۈگۈن: 11.11.2020

■ 1918-يىلى11-نويابىر گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن كېلىشىم فىرانسىيەدە ئىمزالاندى. كېلىشىم گېرمانىيەنىڭ ئېغىر ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر ئاستىغا كىرىشىگە سەۋەب بولدى.

 

■ 2004-يىلى 11-نويابىر پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ياسىر ئەرافات فىرانسىيەدە داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. ئەرافاتنىڭ مېيىتى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن راماللاھتا يەرلىككە قويۇلدى. ياسىر ئەرافاتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، مەھمۇت ئابباس دەسلەپتە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى، ئارقىدىن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى.

 

 

■ 2005-يىلى 11-نويابىر ئىسلامىيەتنىڭ تۇنجى دەۋرلىرى بايان قىلىنغان «چاقىرىق» ۋە لىۋىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋوللۇق ئىسمى ئۆمەر مۇختەرنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو فىلىملىرىنى ئىشلەپ دۇنياغا تونۇلغان رېژىسسور مۇستافا ئەققاد 75 يېشىدا ئۇمماندا ۋاپات بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر