تارىختىكى بۈگۈن:30-ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1516306
تارىختىكى بۈگۈن:30-ئۆكتەبىر

يىل 1918، 30-ئۆكتەبىر

ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئىتالىيەگە قارشى قاتناشقان 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن يېڭىلىپ چىققان ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن غالىپ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا موندوروس شەرتنامىسى ئىمزالاندى.

شەرتنامە بويىچە ئوسمانلى ئارمىيەسى قورال تاشلىدى. ئىستانبۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوسمانلى زېمىنلىرى ۋە ئانادولۇنى ئىشغال قىلىش دەۋرى باشلاندى.

1938-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئورسون ۋېللېس (Orson Welles) رادىيوغا ماسلاشتۇرغان ۋە مارسلىقلارنىڭ يەر شارىنى ئىشغال قىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلغان «پىلانېتالار ئارا ئۇرۇش» دراممىسى تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا، پۈتكۈل ئامېرىكادا قورقۇنچقا سەۋەب بولدى.

2017-يىلى 30-ئۆكتەبىر، «تۆمۈر يىپەك يولى»- باكۇ-تىبلىس تۆمۈر يولى مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر