تارىختىكى بۈگۈن: 12-ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1507315
تارىختىكى بۈگۈن: 12-ئۆكتەبىر

يىل 1492، 12-ئۆكتەبىر...

كرىستوف كولومبو تەخمىنەن 30 كۈنلۈك ساياھىتىدىن كېيىن كارايىپ ئاراللىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە قەدەم باستى. بىراق، كولومبو ئۆزىنى ھىندىستانغا، يەنى شەرقىي ھىندى ئاراللىرىغا كەلدىم دەپ ئويلايتتى.

1917-يىلى 12-ئۆكتەبىر، ئۇرۇشتا تۇنجى قېتىم زەھەرلىك گاز ئىشلىتىلدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بېلگىيەنىڭ يپرېس (Ypres) شەھىرى ئەتراپىدا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىلدى ۋە بىر كۈندە 20 مىڭ ئەسكەر ئۆلدى.

1979-يىلى 12-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆزدەمىر بەنلەرنىڭ ئوغلى ئەھمەت بەنلەر ئاسالا (ASALA) تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.

2017-يىلى 12-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئەسكەرلىرى توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە كىردى. ھەرىكەتكە 30 ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە 100 دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر