تارىختىكى بۈگۈن: 14– سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا ...

1490191
تارىختىكى بۈگۈن: 14– سېنتەبىر
  • يىل 1812، 14– سېنتەبىر...
  • فىرانسىيە ئىمپېراتورى ناپاليون بوناپارت (Napolyon Bonapart) ئارمىيەسى موسكۋانى قولغا چۈشۈردى. بىراق، رۇسىيە ھۆكۈمدارلىرى چېكىنگەندە شەھەرنى ۋەيران قىلدى. فىرانسىيە ئارمىيەسى شەھەرنىڭ نەچچە كۈنگىچە كۆيۈشى، رۇسلارنىڭ توختىماي ھۇجۇم قىلىشى ۋە قىش پەسلى سەۋەبىدىن ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە، ناپاليون بىر ئاي تۇرغان موسكۋادىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
  • 1960-يىل 14-سېنتەبىر ئىراق، ئىران، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنېزۇئېلا «نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر-ئوپېك» (OPEC) نى قۇردى. كۈنىمىزدە 14 دۆلەت ئوپېكقا ئەزا. دۇنيادىكى نېفىتنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى مۇشۇ دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىدۇ.
  • 1982-يىلى 14-سېنتەبىر ئامېرىكالىق كىنو ئارتىسى موناكو مەلىكىسى گرېيس كېللي (Grace Kelly) قاتناش ۋەقەسىدە 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر