تارىختىكى بۈگۈن: 13.08.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 13 – ئاۋغۇست - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1472068
تارىختىكى بۈگۈن: 13.08.2020

■ 1956 – يىلى 13 – ئاۋغۇستتا ئىلمىي تەسەۋۋۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىككى باشلامچىسىدىن بىرى بولغان ۋە «زامان ماشىنىسى»، «دۇنيالار ئۇرۇشى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىسى ئىنگىلىز  ژۇرنالىست ۋە تارىخچى ھېربېرت جورج ۋېلس ۋاپات بولدى.

 

■ 1961 – يىلى 13 – ئاۋغۇستتا سوغۇق ئۇرۇشنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ۋە بېرلىن شەھىرىنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەن «بېرلىن تېمى» قۇرۇلۇشى باشلاندى. 46 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «بېرلىن تېمى»، شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنى ئۇدا 30 يىل بويىچە فىزىكىلىق جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىۋەتتى.

 

 

■ 1987 – يىلى 13 – ئاۋغۇستتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى رونالد رېگان ئىران – كونترا سەنچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن قورال - ياراغ سېتىش ئارقىلىق كىرگۈزگەن كىرىملەرنى نىكاراگۇئادىكى سوتسىيالىست ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان ئانتى – كوممۇنىست كونترا گۇرۇپپىلارغا بەرگەنلىكى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر